خىتاي ئەمەلدارى چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان

خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر ئەمەلدارى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارا يىغىندا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تۋىتېرغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى تەشۋىقاتىنى چەكلەشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تاراتقۇلارغا قاتتى بېسىم ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرىقى پىكىرنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەتقىقات مەركىزى» نىڭ باشلىقى مېي جيەنمىڭ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا خىتاينىڭ ۋۇجېن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيىنىڭ بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ تۋېتېرغا ئوخشاش تاراتقۇلارغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە بايان قىلىشىچە، مېي جيەنمىڭ بۇ ئارقىلىق يۇقىرىقى تاراتقۇلارنىڭ مۇلازىمەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «بۆلگۈنچى» دەپ قارايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ تەشۋىقاتىنى بوغۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە، «پارتىيەنى، خىتاي رەھبەرلىرىنى ۋە خىتاينىڭ ئالاقىدار دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى قارىلىغان يوللانمىلار» نى ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئاخبارات، تور ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپلا قالماي، ئۇ يەنە قولىنى چەتئەل تاراتقۇلىرىغا سوزۇشنى كۈچەيتكەن. يېقىندا گېرمانىيەنىڭ دېملىر ئاپتوموبىل گۇرۇھىغا قاراشلىق مىرسېدىس -بېنىز تورىدا تىبەت روھانىي رەھبىرى دالاي لامانىڭ سۆزىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان. خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» مىرسېدىس-بېنىز شىركىتىنى «خەلقنىڭ دۈشمىنى» دەپ ئېلان قىلغان. نەتىجىدە، مىرسېدىس-بېنىز شىركىتى دالاي لامانىڭ سۆزىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ خىتايدىن كەچۈرۈم سورىغان.

خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆتكەن يىلى يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان «بۈگۈنكى پاكىستان» ناملىق تور گېزىتىنى ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر گېزىتنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىگە «بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.