ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 300 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشى دىققەت قوزغىدى
2024.12.26
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىگە قەدەر ئۇيغۇر ئېلى 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان. بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشقان بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي نوپۇسىنىڭ 4/1 قىسمى، يەنى 300 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش ئۇيغۇر رايونىدىكى 20 نەچچە مىليون نوپۇس ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا غايەت زور رەقەم. يۇقىرىدىكى خەۋەردە «ساياھەتچىلەر تەخمىنەن 355 مىليارد 200 مىليون يۈەن خەجلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئارتۇق ئىقتىسادىي پايدا ياراتتى» دېيىلگەن بولسىمۇ بىراق بۇنچىلىك كۆپ ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كەلتۈرىدىغان ئىجتىمائىي ۋە ئېكولوگىيەلىك تەسىرلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىن بولماقتا.
خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇر رايونىنى ئېنېرگىيە مەنبەسىلا ئەمەس، ساياھەت بازىسىغىمۇ ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنىڭ ئورنىغا قۇرۇپ چىقىلغان سۈنئىي ساياھەت ئورۇنلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ قالغان. چەتئەل ئاخباراتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە قەشقەردىكى بۇ مەنزىرىنى «دىسنىي باغچىسى» دىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىغا ئوخشاتقانىدى.
ھېنرىي شاجېۋىسكىغا ئوخشاش تەتقىقاتچىلار بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ساياھەتچىلىكىنى قاتتىق تەشۋىق قىلىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى يېپىش ھەم ئاقلاش، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ رايوندا يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، رايوننى مۇقىملاشتۇرغانلىقىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەنىدى.