خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەربىيە-تەشۋىقات ھەرىكىتى قوزغىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.12.27

2016-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ھېچقانداق «تېررورلۇق ۋەقەسى» يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرى، 27-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەربىيە-تەشۋىقات ھەرىكىتى باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا قارشى ياخشى كەيپىيات» بەرپا قىلىپ، «بىرلىكتە ئەمىنلىك يارىتىش» نى مەقسەت قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئارقىسىدىن، بولۇپمۇ خىتاي مەركىزى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يېقىندا يىغىن چاقىرىپ، چېگرا رايونلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن باشلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.

 «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 27-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، رايوندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەربىيە-تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مۇراسىمغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن مىنگو رىياسەتچىلىك قىلغان ھەم سۆز قىلغان. چېن مىنگو مۇنداق دېگەن: «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە تەرتىپنىڭ ئومۇمىي نىشانىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە دائىمىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

 ھالبۇكى، چېن مىڭگو 2021-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە ئامېرىكا ئەنگلىيە، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك جازالانغانىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قېتىملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەربىيە تەشۋىقات ھەرىكىتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىلىرى خىتايدىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان پەيتتە ئېلىپ بېرىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.