«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى: «بىر ئاۋستىرالىيەلىكنىڭ يىپەك يولى ۋە دوپپىغا باغلانغان كىملىكىنى ئىزدىشى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.11.18

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا مەدەنىيىتى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاش ھەرىكىتى تونۇشتۇرۇلغان.

ماقالىگە «بىر ئاۋستىرالىيەلىكنىڭ يىپەك يولى ۋە دوپپىغا باغلانغان كىملىكىنى ئىزدىشى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاۋسترالىيەدە چوڭ بولغان، ئۇيغۇر ئانا ۋە ئۆزبەك ئاتىنىڭ قىزى بولغان سۈبھى بۆرەنىڭ ئۆز يىلتىزى، كىملىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، كىچىك ۋاقتىدا ئاۋسترالىيەگە كەلگەن سۈبھى زىددىيەتلىك مەدەنىيەت كىملىكى ھېسسىياتى ئىچىدە چوڭ بولىدۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كېلىشى سۇبھىدە ئۆز يىلتىزى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت بىر تەخىرسىز تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، كىچىكىدە ئاپىسىدىن ئۆگەنگەن ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بىلەن يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇشىدۇ. ئۇزۇن تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئاخىرى ئۇ دوپپا تىككۈچىلەر بىلەن سېتىۋالغۇچىلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىدىغان بىر تور بەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە ئۈنۈم قازىنىدۇ.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ دوپپىغا بولغان مۇھەببىتى تونۇشتۇرۇلۇش ئارقىلىق چەت ئەللەردە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز كىملىكىگە سادىق ھالدا ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.