«H&M» شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن پاختا مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەشنى توختاتقان

شىۋىتسىيەنىڭ تونۇلغان كىيىم-كېچەك ماركىسى «H&M» شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھېچقانداق كىيىم-كېچەك زاۋۇتى بىلەن ئالاقە قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردىكى زاۋۇتلارغا زاكاز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«بلۇمبېرگ» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «H&M» شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ئۇلرىكا ئىساكسون بۇ ھەقتە گېزىتكە قايتۇرغان جاۋابىدا H&M شىركىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىن ھېچقانداق مال كىرگۈزمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە: «بىز خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مال تەمىنلىگۈچى زاۋۇتلارنىڭمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئىشلەتمىگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىمىز،» دېگەن.

ئۇلار باياناتىدا يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى «ياخشى پاختا قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتالغان پروگرامما ئاساسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن پاختا ئالغانلىقىنى، بىراق ھازىر بۇ پروگراممىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى مەنبە قىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى مەنئى قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. بۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكانىڭ كىيىم-كېچەك بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زور قارار بولغاچقا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان ئىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى توختىتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرى ئۈستىدە بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.