پىرېزىدېنت بايدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى قايتا ئۇزارتتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.12.31

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 2025-يىلى كىرىش ھارپىسىدا، ئامېرىكانىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەدبىرى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەشنى ئۇزارتىشقا دائىر ئىككى قانۇن ماددىسىغا ئىمزا قويغان. بۇ قانۇن ماددىلىرى ئامېرىكانىڭ 2025-يىللىق «دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇنى» غا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، پىرېزىدېنت بايدىن بۇ قانۇنغا 22-دېكابىر ئىمزا قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان «ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق جازاسى» نىڭ بۇ شەكىلدە قايتا ئۇزارتىلىشى 2020-يىلى 6-ئايدا ماقۇللانغان ھەمدە 2025-يىلى سۈرۈكى توشىدىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ئاز دېگەندە يەنە 10 يىل داۋاملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

پىرېزىدېنت بايدىن بۇ قېتىم ئىمزا قويغان «دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇنى» مەزمۇن جەھەتتە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا قايتا ھوقۇق بېرىش، شۇنىڭدەك تىبەت، خوڭكوڭ ھەم ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى قانۇنلارغا ئاساسەن جازا يۈرگۈزۈشكە قايتا ھوقۇق بېرىش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا قايتا ھوقۇق بېرىش لايىھەسىنى 2024-يىلى 6-ئايدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن جېف مېركىلېي ئوتتۇرىغا قويغان. تىبەت، خوڭكوڭ ھەم ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى قانۇنلار بويىچە جازا يۈرگۈزۈشكە قايتا ھوقۇق بېرىش لايىھەسىنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت ۋە جېيمىس مېكگوۋېرىن ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، دېن فىلىپس ۋە جوي ۋىلسون قاتارلىق پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

مەزكۇر قانۇن ماددىسى تۇنجى قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ. پىرېزىدېنت بايدىننىڭ مەزكۇر قانۇنغا ئىمزا قويۇشى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر تەشكىلات 30-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئۈمىد سوۋغىسى» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.