ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنىڭ قوشما باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى قىلمىشى ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.04.25

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى ئ‍ۆتكەن ھەپتە قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايوندىكى قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان، شۇنداقلا خىتاينى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەگە ياردەم بەرمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان، ئەگەر خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا «ئەمەلى ياردەم» بەرسە، ئۇنىڭغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋېندى شېرماننبىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ئامېرىكا دىپلوماتىك ئۆمىكى ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ باش كاتىپى ستېفانو سانىنو بىلەن خىتاي مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ئىككى تەرەپ 21- ۋە 22-ئاپرېل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان قوشما باياناتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى قىلمىشىنى تەنقىدلىگەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارىياتى باش كاتىپى ستېفانو، «بىز يەنە شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتكە، بولۇپمۇ شۇ جايدىكى كەڭ كۆلەملىك ‹سىياسىي قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرى تورى، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىشى ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى سىستېمىلىق چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلىمىز» دېگەن.

قوشما باياناتتا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن جازاسىدىن ئ‍ۆزىنى قاچۇرماسلىققا ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا ۋە ياكى رۇسىيەگە ھەرقانداق شەكىلدە ياردەم بەرمەسلىككە چاقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، رۇسىيەنى قوللاش ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ۋېندى شېرمان مۇنداق دېگەن: «بىز خىتايغا شۇنى ئېنىق بىلدۈرىمىز، رۇسىيەگە قارىتىلغان جازادىن ئ‍ۆزىنى قاچۇرماسلىقنى ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقنى، ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەربىي ياردەم بەرمەسلىكنى ئېيتىمىز. بۇ خىل قوللاشلار بىز ھەر قايسىمىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيمىز».

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئىككى تەرەپ يەنە خىتاينىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىشى ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىشىغىمۇ دىققەت قىلماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.