ئۇيغۇر دىيارى بىلەن نىڭشيا ئوتتۇرىسىدىكى «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.05.11

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي باشلامچىلىقىدىكى ئۆمەك ئالدىنقى كۈنى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشتە بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۆمەك تەركىبىدە ئىككى جايدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق كاتتاباشلىرى تولۇق ئورۇن ئالغان.

خەۋەردە بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى» نى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ھەمدە «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە نىڭشيانى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋاقىتتا قىلغان سۆزلىرىنىڭ روھىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇش» ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نىڭشيادىكى ئېنېرگىيە بايلىقىنى ھەمدە كۆمۈر كانلىرىنى قېزىش ساھەسى بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، نۆۋەتتىكى «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ غەلىبىلىك ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن «شىنجاڭ ۋە نىڭشيا رايونلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش»، شۇ ئارقىلىق كۆمۈر يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە يەرلىك بايلىقلارنىڭ قېزىلىشىنى تېزلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان.

ما شىڭرۇي بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە ئېنىق قىلىپ «بىز بۇ خىل ھەمكارلىق ئاساسىدا رايون ھالقىغان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت سۇپىسى بەرپا قىلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز لازىم» دېگەن. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى لياڭ يەنشۈن بولسا بۇ نۇقتىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە «باش شۇجى نېمە دېگەن بولسا بىز شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشىمىز لازىم» دېگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بۇ رايونلاردىكى بايلىق قېزىش ۋە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك داۋام قىلدۇرۇش ھەمدە شۇ ئارقىلىق غەرب دۇنياسىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ نۆۋەتتە ھالسىراپ قېلىۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا «كۈچ قوشۇش» ئىكەنلىكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بايلىق قېزىش ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسىي باستۇرۇش تەدبىرلىرى توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئامېرىكا تەۋەسىدىكى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى تېڭ بياۋ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەر ھازىر خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭەيتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ بەكمۇ خەتەرلىك يۈزلىنىشتۇر» دېگەنىدى. ما شىڭرۇي باشچىلىقىدىكى ئۆمەكنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا «سىناقتىن ئۆتكەن» سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنىڭ نىڭشيا تەۋەسىدە كېڭەيتىلىشى تېخىمۇ روشەن ئەكس ئەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۇي باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەك 2023-يىلىنىڭ بېشىدا چىڭخەي ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىدىمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئېكىسكۇرسىيەدە بولغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.