خىتاينىڭ 2017-يىلى ئۈرۈمچى 5-تۈرمىدە 1500 ئۇيغۇرنى بىراقلا سوتلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى 6-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر كەنتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، بۇ كەنتنىڭ ئەركەكلىرىنى ئۈرۈمچى 5-تۈرمىدە بىراق سوتلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ خەۋەرنى «ماياك» ناملىق بىر تور ئاگېنتلىقى 13-ئاپرېل تۋىتتېردا ئېلان قىلغان. خەۋەردە بۇ ئۇچۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر رايونىغا «ياردەم» گە بارغان بىر خىتاي كادىرىنىڭ «ماياك» ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ خىتاي كادىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەن تاڭ سەھەردە تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر كەنتىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن 1500 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى ئۈرۈمچى 5-تۈرمىگە ئېلىپ كەلگەن.

بۇ خىتاي كادىرى تۇتقۇنلارنىڭ 25 ئاپتوبۇسقا بېسىپ ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، ئۇلارنى 5-تۈرمىدە 150 نەپەر قوراللىق ئالاھىدە ساقچى، 200 نەپەر ساقچى خادىمى، تۈرمىدىكى 300 نەپەر جىنايەتچى كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ خىتاي كادىرى تۇتقۇنلارنىڭ قايسى كەنتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 2000 نەپەر ئەسكىرىنىڭ بۇ كەنتتىكى پۈتۈن ئاھالىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئەركەكلىرىنىڭ 5-تۈرمىگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مەكتەپلەرگە قامىلىپ، ۋاقىتلىق تەكشۈرۈشكە ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تۇتقۇندا قېچىشقا ئۇرۇنغان 5 نەپەر كەنت پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەن شۇنداقلا بەزى تۇتقۇنلار 28 سائەت داۋاملاشقان سەپەردە ئۆلگەن. ئۇ تۇتقۇنلارنىڭ 30 پىرسەنتىنىڭ 60 ياشتىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ 5 يىلدىن 10 يىلغىچە كېسىلگەنلىكى، 10 يىلدىن ئارتۇق كېسىلگەنلەرنىڭ باشقا جايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشى ياكى ئەرز قىلىشىغا يول قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئۇچۇر ئۇيغۇر رايونىدا شۇ مەزگىللەردىكى چوڭ تۇتقۇندا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرگە ماس كېلىدىكەن.