مىسىرنى ساياھەت قىلغان تىجارەتچى ئەمەت مەمەت ئىككىنچى رەت قەشقەردە تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-01-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قەشقەر شەھەرلىك چاسا ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرىمىزغا ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر ئۆرۈك بازىرىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئەمەت مەمەت 2016‏-يىلى تارقاق ھەج قىلىپ كەلگەنلىكى ھەم بۇ سەپىرىدە مىسىرنى ساياھەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇلتۇر 3‏-ئايدا بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ بىر ئايچە سوئال-سوراقتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندە ئۇنى يەنە بىر قېتىم تۇتقۇن قىلغان. كېيىنكى تۇتقۇندا ئۇ قەشقەر شەھەرلىك 5‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئاپىرىلغان. چاسا ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەمەت مەمەت مىسىرنى زىيارەت قىلغاندا پەقەت ئۇ يەردىكى ئەرزانچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ۋە ھەج ۋاقتىنى كۈتۈپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بارغان ئىكەن. ئۇ مىسىردىكى مەزگىلىدە ئەزھەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەن، تارقاق ھەج قىلغان مەزگىلىدىمۇ ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتقان بولسىمۇ، يۇرتىغا قايتقاندا يەنىلا تۇتقۇندىن خالىي بولالمىغان.

چاسا ئامانلىق مۇدىرى يەنە تىجارەتچى ئەمەت. ئەمەتنىڭ بىرىنچى قېتىم ئۆزى يالغۇز تۇتۇلغانلىقى، ئىككىنچى قېتىمدا بولسا ئايالى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئەمەت مەمەت «تەربىيەلەش مەركىزى» دە، ئايالى بولسا تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ئىكەن. چاسا ئامانلىق مۇدىرى ئەمەت مەمەتنىڭ ئايالىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت