خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قارىلاپ قاماققا ھۆكۈم قىلىشى ئېغىرلاپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.02.24

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تورىنىڭ 24-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل جىنايى بەتناملارنى چاپلاپ، ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىش قىلمىشى ئېغىرلاپ كەتكەن. 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بېرى، خىتاي جىنايى ئىشلار سوتى 250 مىڭ ئادەمگە گۇناھ ئارتىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

گەرچە خىتاينىڭ سوت ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئىشلىرى ئىنتايىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلسىمۇ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزەتكۈچىلەر 60 قا يېقىن دېلونى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋالدىمۇ جىنايەت سادىر قىلدى دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئۆز تۇرمۇشى ۋە ئېتىقادى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان ئادەتتىكى كىشىلەر ئىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2017-يىل خىتاي سوتى 99 مىڭ 326 ئادەمگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان بولسا، 2018-يىلغا كەلگەندە 133 مىڭ 198 ئادەمگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان. 2019-يىلدىكى ساننى تېخى ئېلان قىلمىغان. ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزەتكۈچىلەر 2019-يىل 8000 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، ھۆكۈم قىلىنغۇچىلارنىڭ سانى ئۆتكەن ئىككى يىلنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە تەڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ساقچى ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان دۆلەت تېرورلۇقى بولۇپ، «خالىغانچە تۇتۇش، خالىغانچە كېسىش، خالىغانچە ئۆلتۈرۈش» ئۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىكەن. ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ زىيانكەشلىكتىن ئامان قالمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.