خىتاي دائىرىلىرى كوۋىد چەكلىمىسىنى بوشاتقان بولسىمۇ، لېكىن «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئ‍سىتراتېگىيەسى» نى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.12.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دائىرىلىرى 24-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق بىنادا يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىدىن كېيىن كوۋىد چەكلىمىسىنى بوشاتقان بولسىمۇ، لېكىن رايوندا «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى يېقىندا 6-قېتىملىق يىغىن چاقىرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن رايوندا يولغا قويۇلىدىغان سىياسەتنىڭ خىزمەت يۆلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

يىغىندا، يۇقىرى بېسىملىق زەربە بېرىشنىڭ تەۋرەنمەس يۈزلىنىشىنى ساقلاش، خەتەرنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ياخشىلاش، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى يوشۇرۇن خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم بىر تەرەپ قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

بۇ يىغىن 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خەۋەرنى نېمە ئۈچۈن ئەمدى بېرىشىدىكى سەۋەب مەلۇم ئەمەس. پەرەز قىلىنىشىچە، بۇ، مەزكۇر يىغىننىڭ ئارقىسىدىنلا 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە پاجىئەلىك ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە خىتاينىڭ كوۋىد چەكلىمىسىنى بوشىتىشقا مەجبۇر بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يىغىندا، «شىنجاڭنىڭ كۈچلۈك زامانىۋى سوتسىيالىستىك (خىتاي) دۆلىتى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ»، رايوندا «ئەتراپلىق، ئۈچ ئۆلچەملىك ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىش» تەكىتلەنگەن.

يىغىن يەنە رايوندا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پسىخولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك سىڭىپ كېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»، «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتىكى ھەر خىل خىزمەتلەرنى شەكىل، ھېسسىيات ۋە ئۈنۈمدارلىق جەھەتلەردىن ياخشى ئىشلەش»، «ئ‍سىلامنى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا يېتەكلەش» نى تەلەپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.