خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈر ناھىيەسىگە چوڭ كۆلەمدە ئايرودروم قۇرماقچى بولغان
2022.03.29
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈر ناھىيەسىدە چوڭ كۆلەمدە ئاممىۋى قاتناش ئايرودرومى قۇرۇشنى تەستىقلىغان بولۇپ، 2030-يىلغىچە پۈتكۈزۈش پىلانلانغان.
بۇ ئايرودرۇمنى سېلىشقا جەمئىي 6 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن؛ يىلىغا 3540 ئايروپىلان قونىدىغان، 300 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇيدىغان ئۆلچەمدە ياسىلىدىكەن؛ ئۇزۇنلۇقى 2600 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر كېلىدىغان ئۇچۇش ۋە چۈشۈش يولى، 3000 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان مۇلازىمەت بىناسى قۇرۇلىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈر ئايرودرومى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاي ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ «14-بەش يىللىق پىلان» دىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدىكەن؛ ئۇ يەنە بۈگۈرنىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش، بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چېگرا ئورۇننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ھاۋا مۇداپىئەسىگە جىددىي ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جايلىرىغا 20 دىن كۆپ ئايرودروم قۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم بۈگۈرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ جاينىڭ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ھاۋا مۇداپىئەسىگە شارائىت ھازىرلاش مەقسىتىدە بۇ چوڭ كۆلەمدىكى ئايرودرومنى قۇرغان.