خەلقئارادىكى 40 نەچچە تەشكىلات خىلتونغا خوتەندە چېقىلغان مەسچىت ئورنىغا مېھمانخانا سېلىشى سەۋەبلىك بايقۇت ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.09.17

«ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭەش» نى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى 40 نەچچە تەشكىلات، خىلتون گۇرۇھىغا خوتەن شەھىرىدىكى چېقىۋېتىلگەن مەسچىت ئورنىغا مېھمانخانا سېىلىشى سەۋەبلىك بايقۇت ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى قاتارلىق تەشكىلاتلار 16-سېنتەبىر خىلتون گۇرۇھىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئاستانە خىلتون» مېھمانخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىلتون گۇرۇھىنى خوتەندىكى مېھمانخانا قۇرۇلۇشى بىلەن بولغان توختامىنى بىكار قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.

يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ «سىكاي خەۋەرلىرى» (ئاسمان خەۋەرلىرى) قانىلى خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى 2018-يىلى چىقېۋېتىلگەن بىر مەسچىتنىڭ ئورنىغا خىلتون ھامپىتون مېھمانخانىسى سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ خەۋەر «ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بولغان «ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» ئۆتكەن ئايدا خىلتون گۇرۇھىغا ئولتوماتۇم تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ خوتەندىكى قۇرۇلۇشنى توختىتىشىنى، ئەگەر توختاتمىسا ئۇنىڭغا بايقۇت ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، خىلتون گۇرۇھى خوتەندىكى مېھمانخانا قۇرۇلۇشى بىلەن بولغان توختامىنى بىكار قىلىشنى رەت قىلغان. «ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى نىھاد ئاۋاد «بىز كىشىلەرنى، جۈملىدىن ھەجگە بارىدىغان، مەدىنە ۋە مەككىنى زىيارەت قىلىدىغانلارنى خىلتون ئ‍ۆزىنىڭ چېقىۋېتىلگەن مەسچىت ئورنىغا مېھمانخانا سېلىشنى توختاتمىغۇچە، خىلتون مېھمانخانىسىدا ياتماسلىققا چاقىرىمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.