ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا 500 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇلىدىكەن

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارنى 500 مىڭ سوم جەرىمانە بىلەن جازالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بۇندىن كېيىن ئىنتېرنېت تورىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان، مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە يول ئاچىدىغان ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش مەقسەت قىلىنغان مەزمۇنلارنى يوللىغان، تارقاتقان، كۆچۈرۈپ تارقاتقانلارغا 500 مىڭ سوم جەرىمانە قويىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەر خىتاينىڭ كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە، بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن تور بەتلەرنىڭمۇ 50 مىڭ سوم بىلەن جازالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى قاتارىدا ئېلىنغان بۇ تەدبىر ئالدىمىزدىكى شەنبە كۈنى يەنى 10-دېكابىر كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بۇندىن ئىلگىرىمۇ «ئىنتېرنېتتا قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى، تېررورلۇققا ئائىت ۋىدىيولارنى كۆرگەن، تارقاتقان» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن نۇرغۇن كىشىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتقان. بۇ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.