قۇل ئەمگىكى ئېغىر بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ مۇقىم ئېشىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.06

ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئېغىرلىقى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىگە ئايلانغان بىر مەزگىلدە، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان ئىش پۇرسەتلىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ مۇقىم ئېشىۋاتقانلىقىنى قەرەللىك ھالدا تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» 6-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار 310 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، يىلدا 460 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ كۆپ قىسمى ئورۇنلىنىپ بولغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 5. 4 پىرسەنت ئاشقان، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەر قايسى كەسىپلەر ۋە مال تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئىش پۇرسىتى ۋە ئىش تەلەپ قىلغۇچىلار تېخىمۇ كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئىش تېپىشى قىيىن بولغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولدى» دېيىلگەن بولسىمۇ، خەۋەردىكى سانلىق مەلۇماتتىن ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى 840 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئادەم تەربىيەلىگەن بولۇپ، ئۇلارنى قەيەرگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇ يەرگە ئەۋەتكەن، يەنى ئۇلارنى قاراتمىلىق ھالدا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان».

بۇ خەۋەردە ئېيتىلغان «كەسپىي تەربىيەلەشنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» شوئارى، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئېيتقان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ئەمگەك لاگېرلىرىغا» ئايلانغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.