ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدار «ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيىگە كىرمىگەن» دەپ جازالانغان
2021.02.25
خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى مەمتىمىن ئابدۇللا ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر كادىرنى «پارتىيە ئىنتىزامىغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ۋە دېلو تۇرغۇزۇپ تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەمتىن ئابدۇللا ئاتالمىش «غەربىي تەڭرىتاغ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى» نىڭ مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى ئىكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش كومىتېتى مەمتىمىن ئابدۇللا ھەققىدىكى ئەيىبنامىسىدا ئۇنى «. . . پارا قوبۇل قىلىش، مەركەزنىڭ روھى ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، سوۋغات قوبۇل قىلىش، ئەخلاق جەھەتتە چىرىكلىشىش، ھۆكۈمەت مەبلىغىگە خىيانەت قىلىش» دېگەندەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەشتىكى بىر قاتار قېلىپلاشقان ئەيىبلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.
بىراق ئەيىبنامىدە مەمتىمىن ئابدۇللا ھەققىدە دىققەت قوزغايدىغان تۆۋەندىكى ئىبارىلەرمۇ ئىشلىتىلگەن: «. . . مەمتىمىن ئابدۇللا بىر پارتىيە ئەزاسى بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەزەلدىن ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيىگە كىرمىگەن، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلىپ، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئىتتىپاقى قۇرغان. مەركەز روھى ۋە سىياسىي ئىنتىزامغا، تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان. . .»
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلاملاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىغىمۇ كەڭ كۆلەمدە تازىلاش ئېلىپ بارغان ئىدى. بىر تەرەپ قىلىنغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جىنايىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق بولماسلىق بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ سىياسىي مەۋقەگە بېرىپ تۇتۇشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
خەۋەردىن قارىغاندا، مەمتىمىن ئابدۇللا 1967-يىلى چىرا ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى قاراقاش ناھىيە دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، خوتەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، خوتەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە ھاكىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىن كېيىن، 2016-يىلى 1-ئايدىن ئىتىبارەن شىنجاڭ غەربىي تەڭرىتاغ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە يۆتكەلگەن ئىكەن.