س ن ن ۋە نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتىنى خەۋەر قىلدى
2016.12.01
ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان پاسپورت يىغىش ھەرىكىتى خەلقئارادىكى داڭلىق خەۋەر ئورگانلىرىدىن ئامېرىكىدىكى س ن ن تېلېۋىزىيىسى ۋە نيۇيورك ۋاقتى گېزىتلىرىدە خەۋەر قىلىندى.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى 1-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردىن باشلانغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق ئايروپىلانلارغا چىقىشتىن توسۇپ قويۇلغانلىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
ئۇنىڭدا، بۇ قېتىملىق پاسپورت يىغىشنىڭ مەقسىتى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېڭىدىن سېكرېتار بولغان چېن چۈەنگونىڭ ئەمرى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى، چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن 5 يىل جەريانىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش بىلەن تونۇلغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
س ن ن تېلېۋىزىيىسى بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە، پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقى، مەركىزى گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش، يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەر پروگراممىسىدا يەنە، كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىللىيام نى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ۋىلليامنى سۆزىدە پاسپورت ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ د ن ئا، قان ئۆرنىكى، قەيتكە ئېلىنغان ئاۋازى، بارماق ئىزى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «مانا بۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى كىشىلەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ»، دېگەن.