خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا  قانۇن ۋە تەپتىش ساھەسىنى قايتا تەرتىپكە سالماقچى ئىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.12.06

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 6-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 5-دېكابىر كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىش ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش، قانۇن ۋە تەپتىش ساھەسىنى تەرتىپ سېلىش ھەققىدە يول يورۇق بەرگەن.

ما شىڭرۈي بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» ئىدىيەسىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان «شىنجاڭنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» نامى ئاستىدا مىللىي باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشى خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە ، ما شىڭرۈينىڭ يەنە «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش»، «قانۇن ۋە تەپتىش ساھەسىنى تەرتىپ سېلىش» شوئارىنى بازارغا سېلىشى دىققەت قوزغىماقتا. 

ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگ، دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىم قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» دېگەنلەرنى داۋاملىق تەكىتلىشى خىتاينىڭ قانۇن ياكى سىياسەت جەھەتتە بىرەر ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىكەن ، بەلكى بۇنىڭ ئەكسىچە قانۇننى داۋراڭ قىلىپ قويۇپ، ئارقىدىن دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.