كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ رامىزان ئېيىدىكى دىنىي چەكلىمىلىرىنى تەنقىد قىلدى

دۇنيادىكى تەسىرى زور ئىككى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزگەن رامىزان ئېيىدىكى دىنىي چەكلىمىلىرىنى تەنقىد قىلدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلار دىرېكتورى دوكتور رىچاردسون، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەربىر ھالقىسىغا، ئۇلارنىڭ قانداق ئىبادەت قىلىشى، قاچان تاماق يېيىشى، بالىلىرىغا قانداق ئىسىم قويۇشىغا قەدەر ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، «بۇ خىل ئىستراتېگىيە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ياتلاشتۇرىدۇ. بېيجىڭ بۇنى ئۆزگەرتمىگۈچىلىك، ئۇنىڭ يەر شارىدا يېتەكچى دۆلەت بولۇش ياكى قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەت بولۇش پىكرى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى ۋىليام نېي، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېىپ بېرىۋاتقان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، خىتاينىڭ بىنورمال ساقال، ھىجاپ، بالىلارغا ئىسلامى ئىسىملارنى قويۇش، ھۆكۈمەتنىڭ تېلېۋىزور ۋە رادىيوسىنى ئاڭلاشنى رەت قىلىش، دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش دېگەن تېرمىنلارنى قوللىنىپ، «ئەسەبىيلىككە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە مۈجمەل تەدبىر بەرگەنلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

سوفىيە رىچاردسون ۋە ۋەۋېليام نېي بۇ سۆزلەرنى «ئاسىيا كاتولىك خەۋەرلەر تورى» غا قىلغان. خوڭكوڭ «ئاسىيا كاتولىك خەۋەرلەر تورى» نىڭ چارشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە، خىتاينىڭ رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارغا قويغان دىنىي چەكلىمىسى تەنقىد قىلىنغان ئىدى. «بېيجىڭ شىنجاڭدا رامىزاندا مەدەنىيەت ئۇرۇشىنى كۈچەيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كۈندۈزى تاماق يېيىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، قۇرئانى كەرىمىنى مۇسادىرە قىلىپ، رېستورانلارنى كۈندۈزى ئېچىشقا زورلاپ، پۇقرالارنىڭ مەسچىتكە بېرىشىغا چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن.