ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئادۋۇكاتلارنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.04.23

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 21-ئاپرېل يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭدا ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش»، «ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئادۋوكاتلارنىڭ رولىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بۇ يىغىننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش، مىليونلىغان كىشىنى قانۇنسىز لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى بېسىمغا دۇچ كەلگەن مەزگىلدە ئېچىلىشى دىققەت قوزغىغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابدۇمەنجىننىڭ رىياسەتچىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادۋوكاتلارنى تەربىيەلەشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئېچىش، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئادۋوكات ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىنغان.

يىغىندا يەنە ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ چەت جايلاردا ۋە چېگرا ناھىيەلەردە تارماق پونكىتلىرىنى ئېچىش، قوش تىللىق ۋە چەتئەلگە مۇناسىۋەتلىك ئادۋوكاتلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئادۋوكاتسىز، كىشىلەرگە ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى بەرمەستىن كېسىۋەتكەن. چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جەرياندا لاگېردىكىلەرنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن ئادۋوكات تۇتۇشمۇ مۇمكىن بولمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.