خىتاينىڭ «خەلق تورى» تارقاتقان خەۋەردىن قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 16-كۈنى خىتاي دائىرىلىرى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودىيەلەرنى جازالاش كومىتېتى» قۇرغان. سودىيەلەرنى جازالاش كومىتېتى 18 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىر نەپەر مۇدىر ئەزا، تۆت نەپەر مۇئاۋىن مۇدىر ئەزا، تۆت نەپەر مۇتەخەسسىس ئەزا، توققۇز نەپەر سودىيە ۋەكىل ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەردە سودىيەلەرنى جازالاش كومىتېتىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەر دېيىلگەن: «جازالاش كومىتېتى نىزامنامىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، تەرتىپ بويىچە سودىيەلەرنىڭ سوت قىلىش مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، قەستەن مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلغان، زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن، ئادەتتىكى سەۋەنلىك ساقلانغان ياكى مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلمىغانلىقىغا قارىتا پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ سودىيەلەرنىڭ تەكشۈرۈش پىكرىگە قارىتا باشقىچە پىكىر ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ قارار چىقىرىش؛ نازارەت قىلىش ۋە جازالاش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ سودىيەلەرنى جازالاش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىشلارنى قاراپ چىقىش ئارقىلىق قارار قىلىش قاتارلىقلار».
خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى بىر ئاي ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلىدا 19 كىشىدىن تەشكىل تاپقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىشلەر ئىنتىزام كومىتېتى» نى قۇرۇپ، تەپتىشلەرنىڭ خىزمىتىنى قاتتىق نازارەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇنى «ئەدلىيە سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى» دەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق 2007-يىلىدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندىن كېيىن ئەدلىيە سېپىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلىرىنى «مەركەزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارشى چىقتى ياكى خىزمەتتە كەسكىن بولمىدى» دېگەن سەۋەب بىلەن جازالىغان ئىدى. بۇ قېتىم «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودىيەلەرنى جازالاش كومىتېتى» دەيدىغان سوتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇدىغان ئالاھىدە ھوقۇقۇقلۇق بىر ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سوت سىستېمىسىنى قانۇندىن ھالقىغان كونتروللۇققا ئالىدىغانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى ئىكەن.
دائىرىلەر يەنە ئۇيغۇر ئېلىدا «مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىسىمىگە خىلاپلىق قىلىش» دېگەن نام بىلەن ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر كادىر-ئەمەلدارلارنىمۇ جازالىغان ئىدى.
