ئۈرۈمچىدە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇمدار كۆپەيگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.04.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر دىيارىدا «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرلىرى جىددىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋىرۇس يۇقۇمى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ سەھىيە تورى» نىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كېچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر ئېلى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا يېڭىدىن 2 نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇمدار كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۈرۈمچىنىڭ مىدۇڭ رايونىدا ئىكەن.

شۇنداق بولغاندا، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 24 كېچە، ئۇيغۇر ئېلىدا كېسەللىك قوزغالغان بىمار يوق بولۇش بىلەن بىرگە، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى سانى جەمئىي ئىككى نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ۋىرۇس يۇقۇمىغا دائىر ئۇچۇرلارغا «دۆلەت مەخپىيىتى» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكى نامەلۇم بولۇپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە قامال يەنىلا ئىنتايىن قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، قامالنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئائىت ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان سىنتلىق كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالماقتا.

ئامېرىكانىڭ «NBC NEWS» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدىمۇ 140 نەپەر يۇقۇملانغۇچى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى 20 مىليونغا يېقىن ئادەمنى ۋىرۇس تەكشۈرۈشى قىلىشقا بۇيرۇشى بولسا ئاھالىلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شاڭخەيدىكىدەك ئۇزۇن مۇددەت قامال ئاستىدا قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئاھالىلەر يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىغا ئاققانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.