يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە ئۈرۈمچى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان يۇقۇمنى تىزگىنلەش داۋامىدا كۆكتات قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلەرى باھاسىنىڭ ھەددىن زىيادە ئۆرلەپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.
5-ئاۋغۇست كۈنى، «خىتاي خەۋەرلەر تورى» تارقاتقان بىر خەۋەردىمۇ يۇقۇم مەزگىلىدە مال باھاسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇپ، ئاھالىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە يۇقۇم مەزگىلىدە مال باھاسىنى قەستەن ئۆرلىتىپ بازاردا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان تىجارەتچىلەر جازالانغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن ھازىرغىچە ئۈرۈمچىدە باھانى قالايمىقان ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك جەمئىي 329 دېلو تەكشۈرۈلگەن ۋە جەمئىي 520 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان ۋە مۇسادىرە قىلىنغان. خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يېمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردە مال باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلىشىدىن باشقا، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە ئىشلەپچىقىرىۋاتقان دېھقانلارنىڭمۇ ئېغىر زىيان تارتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ يۇقۇم كونترولى سەۋەبلىك قولدىن چىقماي، ئېغىر زىيان تارتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
بۇ خىلدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تور بەتلەردە كەڭ تارقىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرى ۋە بۇنداق تەدبىرلەرنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىشتا زادى قانچىلىك ئۈنۈمى بارلىقى ھەققىدە كۈچلۈك مۇنازىرىلەرنى پەيدا قىلماقتا.