خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» يېقىندا سانجى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا جەمئىي 762 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
سانجى ئوبلاستىدىن ئىبارەت ۋىلايەت دەرىجىلىك بىر مەمۇرىي ئورۇننىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بىر قېتىمدىلا بۇنچە كۆپ خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاساسلىق نوپۇسى خىتاي ۋە تۇڭگانلاردىن تەركىب تاپقان سانجى ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بىر قېتىمدىلا بۇنچە كۆپ ئادەم قوبۇل قىلىنىشى، رايونغا «ئىختىساسلىق خادىم» ۋە ياكى «پىدائىي» دېگەن ناملاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈرۈلۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ ئالاھىدە كۆپلۈكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئۇنىڭدىن سىرت خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا بۇ نۆۋەت ئىشقا قوبۇل قىلىنىدىغانلارغا «ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى تارماقلىرىنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئوقۇش تارىخى ۋە ئاساسىي قاتلامدا ئەڭ ئاز دېگەندە 8 ئاي خىزمەت قىلغان بولۇش دېگەندەك شەرتلەر قوشۇلغاندىن باشقا يەنە «ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىش، پارتىيەنىڭ لىنىيىسى، كۆرسەتمىسى ۋە سىياسىتىنى قوللاش، مىللىي ئىتتىپاقلىقنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش» قاتارلىق كەسكىن سىياسىي تەلەپلەرمۇ قويۇلغان ئىكەن.