ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ يەر ئاستى بايلىقى تېخىمۇ زور مىقداردا قېزىلىش ئالدىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.01.30

ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ تەرىپلەۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەر ئاستى بايلىقىنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ۋە مىقداردا قېزىلىشقا يۈزلەنگەنلىكى مەلۇم بولدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 29-يانۋاردىكى خەۋىرىدە كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تارىم نېفىتلىكىدە نېفىت قېزىش خىزمىتىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا تارىم نېفىتلىكىنىڭ نۆۋەتتىكى يىلىغا 25 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتەك خىزمەت مىقدارى 30 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن تارىم نېفىتلىكى يەر شارىدىكى نېفىت زاپاس مىقدارى ئەڭ زور بولغان نېفىتلىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىكەن. 

رويتېرسنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېڭىدىن ئۈچ جايدا ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان. بۇ كانلار ئېچىلغاندىن كېيىن يىلىغا جەمئىي بەش مىليون توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر قازالايدىكەن. ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىن 167 مىليون توننا كۆمۈر قېزىۋالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ كانغا 510 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىلغۇ خام ئەشياسىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ جىددىي ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. 

ھالبۇكى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن تونۇشلۇق پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ خىل بايلىق قېزىش پائالىيىتى ھېچقاچان يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن ئەمەس، دېيىشمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاينىڭ بايلىق قېزىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.