خىتاي سۇ مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرى مەكىت ناھىيەسىدە ئاۋسترالىيە چوڭ راكى يېتىشتۈرۈشكە باشلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.07

خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى رىجاۋ شەھىرىدىن كەلگەن سۇ مەھسۇلاتلىرى شىركىتى تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مەكىت ناھىيەسىدە ئاۋسترالىيە چوڭ راكى يېتىشتۈرۈشكە باشلىغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ 2020-يىلدىن باشلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «خىتاي خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 5-ئۆكتەبىر بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، رىجاۋ شەھىرىدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئاۋسترالىيە چوڭ راكى يېتىشتۈرۈشنى سىناق قىلغانلىقى، «رىجاۋ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى» بىلەن ئېلىپ بارغان سىناقلار ئارقىلىق، شورلۇق تۇپراقتا ئاۋسترالىيە چوڭ راكى يېتىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى باشلانغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرى 2021-يىلى 10-ئايدا، چوڭ راك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۇنجى بازارغا سېلىنىشى بىلەن غەلىبىلىك بولغان.

ئەمما خەۋەردە، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە رىجاۋ شەھىرىدىكى قايسى شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ سالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كۆلىمى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ھالبۇكى، بۇ قۇرۇلۇش تۈرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرى مەكىت ناھىيەسىگە كېڭەيدىمۇ، دېگەن سوئالنى پەيدا قىلماقتا. ئامېرىكادىكى بېلىقچىلىق شىركەتلىرىنى نازارەت قىلىدىغان بىر تەتقىقات ئورنى، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى رىجاۋ شەھىرىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇ يىل 6-ئايدا خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتى بولغان «رىجاۋ مېيجيا گۇرۇھى» نى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەنىدى. نۆۋەتتە، خىتاي سۇ مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈشى تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سۇ كەمچىل بولغان، تەبىئىي مۇھىتى نازۇك بۇ قۇرغاق ناھىيەنىڭ، يەرلىك بىئو-ئېكولوگىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، يەرلىك جانلىق تۈرلىرىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. «خىتاي خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە مەكىت ناھىيەسىدىكى چوڭ راك فېرمىسىدا 480 ئەمگەك كۈچى ئىشلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.