ئامېرىكادىكى كلېيمونت مىكېننا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، گېرمان مارشال فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېي مىنشىن ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭدىن چىقىش ئىستىراتېگىيەسى» گە ئېھتىياجى بارلىقى، ئۇنىڭ بارلىق ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 14 مىڭ دوللاردىن جەمئىي 14 مىليارد دوللار تۆلەم تۆلىشىنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەي، ئامېرىكانىڭ ئۇنىڭغا قارشى كەڭ ئىتتىپاق قۇرۇشىغا ياردەم قىلماقتىكەن.
ئۇ «خىتاي شىنجاڭدىن چىقىش ئىستىراتېگىيەسىگە ئېھتىياجلىق» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، «بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدا ئاقمايدىغان ھازىرقى سىياسىتىدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋاز كېچىشكە ئېھتىياجى چۈشىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭنىڭ يۈزىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ يولى تۇتقۇندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 14 مىڭ 300 دوللاردىن تۆلەم تۆلەپ، تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش ئىكەن. ئۇ، بۇ پۇل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مەنىۋى زىيىنىنى تولدۇرالمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ بېسىلغان قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مەزگىللىك مالىيە تەرەققىيات ياردىمى بېرىشى، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى، ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ ھۆكۈمىتىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى توختىتىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ، بۇ سىياسەت «زوراۋانلىقنىڭ ۋاقىتلىق ئەۋج ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ غايەت زور كۈچىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئىسيان ياكى بۆلۈنۈشنى پەيدا قىلىشىنى قىياس قىلىش تەس» دەپ كۆرسەتكەن.