شەۋكەت مىرزايېف تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا زور تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.12.17


شەۋكەت مىرزايېف ئۆزبېكىستاننىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىگە قىزىققۇچىلار ئۇنىڭ كېرىموف دەۋرىدە تۇرغۇزۇلغان ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ياسايدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

ئازاتلىق رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شەۋكەت مىرزايېف پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ بىر ئاي بولمايلا ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىكى كەرىموفنىڭ ئادەملىرىنى سىقىپ چىقىرىشقا باشلىغان.

ئىلگىرى كەرىموفنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بىرى دەپ قارالغان مالىيە مىنىستېرى رۇستەم ئەزىموف ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باتۇر خوجايېف مالىيە مىنىستېرى بولغان.

ئۇندىن باشقا، كەرىموف ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن سەھىيە مىنىستېرى بىلەن ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، شەۋكەت مىرزايېف يەنە ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن ئىككى كىشىنى باش مىنىستېر ئابدۇللا ئارىپوفنىڭ مۇئاۋىنلىقىغا تەيىنلىگەن. ئۇندىن باشقا، تاشكەنت ۋە سىر دەريا ئوبلاستلىرىنىڭ باشلىقلىرىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ، ئۆز يېقىنلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەردە شەۋكەت مىرزايېف ئۆزبېكىستاننىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى بۇ تەرىقىدە ئۆزىگە سادىق كىشىلەر بىلەن تولدۇرىۋالسا، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە دىكتاتور ئىسلام كېرىموفنىڭ يولىغا مېڭىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.