ھەرقايسى ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە تەشكىلاتلار دۇنياغا داڭلىق «ۋولكىسۋاگېن» (VW) شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق بولۇشى ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن مەزكۇر شىركەت يېقىندا بۇ ھەقتە مەخسۇس تەپتىش ستاتىستىكىسى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 5-دېكابىر كۈنى مەزكۇر شىركەت بۇ قېتىمقى تەپتىشنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان ھەمدە «زاۋۇتىمىزدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ھېچقانداق ھالقا مەۋجۇت ئەمەس» دەپ خۇلاسە چىقارغان.
بۇ يەكۈن، ئېلان قىلىنغان كۈننىڭ ئۆزىدىلا ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىدە كەڭ تەنقىدكە دۇچ كەلگەنىدى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە، يەنى 13-دېكابىر كۈنى «ۋولكىسۋاگېن» شىركىتىنى تەپتىش قىلغان «ليونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مەسئۇلىيىتى» شىركىتىنىڭ خادىملىرى ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل خۇلاسىگە قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 14-دېكابىردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، شىركەتنىڭ 20 نەپەر خىزمەتچىسى ئىچىدە باش دىرېكتور ماركۇس ليونىڭ (Markus Loening) ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنىدىن باشقا ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ بۇ خۇلاسە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىغىنى ئېلان قىلغان. شىركەت خىزمەتچىلىرىدىن بىرەيلەن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ «بۇ قېتىمقى تەپتىش خىزمىتىنى ماركۇس ليونىڭ ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بىر قوللۇق تاماملىغان. بىزنىڭ بۇ ئىشلاردىن ھېچقانداق خەۋىرىمىز يوق. بىز بۇ يەكۈننى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايمىز» دېگەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم «ۋولكىسۋاگېن» شىركىتىنى تەپتىش قىلىشنى بىۋاسىتە ئۈستىگە ئالغۇچى شىركەت خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى بىر ئادۋوكاتلىق ئورنى بولۇپ، ماركۇس ليونىڭ باشقۇرۇۋاتقان شىركەت نەق مەيدان تەكشۈرۈشىگە ھەمراھ بولغان. ماركۇس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 197 نەپەر خىزمەتچىنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق. ئۇلار ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئەمەس ئىكەن» دېگەن. شۇنىڭدەك خىزمەتچىلەر بىلەن يۈزتۇرانە سۆزلىشىشنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئوبزور ئاپتورى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى ھەرقانداق مۇستەقىل تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى مۇتلەق كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسلىتىش بىلەن بىرگە ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئۈچۈن خىتاينىڭ غايەت زور بازار ئىكەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن روشەن ئابباس بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ قېتىمقى تەپتىشنىڭ نەتىجىسى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بېرىدۇ» دەيدۇ.