ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىشى 2024-يىلدىكى 10 چوڭ «كىشىلىك ھوقۇق خەۋىرى» نىڭ بىرى بولغان
2024.12.25
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھەر يىلى دېگۈدەك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئائىت چوڭ خەۋەرلەرنى تاللاپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ خەۋەرلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ جازالىنىشىدىن تارتىپ مېيىپلار ۋە كۆچمەنلەر ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە دۇنيادا قانداق ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى دېگەندەك نۇقتىلارغا چېتىلىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان، 2024-يىللىق 10 چوڭ «كىشىلىك ھوقۇق خەۋىرى» ئىچىدە بىرىنچىسى، گېرمانىيە ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىشى ھەققىدىكى خەۋەر بولغان. ۋولكىسۋاگېن شىركىتى بۇ يىل ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. 2012-يىل قۇرۇلغان بۇ زاۋۇت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى بىلەن ئىزچىل ئەيىبلىنىپ كەلگەن بولۇپ، خىتايغا قويۇلغان مەجبۇرىي ئەمگەك جازاسى ۋە خەلقئارا ئەيىبلەشلەرنىڭ بۇ شىركەتنىڭ كاساتلىشىشى ۋە خەلقئارا بازاردا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە خېلى كۈچلۈك سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم. مانا بۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ يەنە بىر چوڭ نەتىجىسى دەپ قارالغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتە بەرگەن باھاسىدا: «ۋولكىسۋاگېن شىركىتى بۇرۇنلا شۇنداق قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ شىركەتنىڭ چېكىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بۇ رايوندا ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت بىلەن شىركەت ماڭدۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.