ئۇچتۇرپاندىكى ئۇيغۇر ساقچى ۋارىسجان مەمەت ب د ت دا خىتاينىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى» نى ئاقلىغان
2023.03.20
ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارادا، بولۇپمۇ بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ساقچىلىرىنى ب د ت غا چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ رايوندىكى «تېرورلىققا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرى» نى ئاقلىماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 17-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 52-قېتىملىق يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىسى ۋارىسجان مەمەت خىتايغا ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق-تېرورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكلىرى» نى تونۇشتۇرغان.
بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇنجى قېتىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا ئېكران ئارقىلىق ياكى شەخسەن قاتناشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلىشى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ خىتاينىڭ رايوندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر ساقچىلىرىنى تۇنجى قېتىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا چىقىرىپ، باستۇرۇش ھەركىتىنى ئاقلىشىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋارىسجان مەمەت ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لىندا توماس گرېنفىلد 14-مارت كۈنى ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسلام ۋەھىمىسى» گە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى خەلقئارا يىغىندا خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆزلىتىلگەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى 13 يىلدىن بېرى ئوتبېشى ساقچى پونكىتىدا ۋەزىپە ئۆتەپ كەلگەن ۋارىسجان مەمەت يىغىندا ئۆزىنىڭ «ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا بىر نەچچە قېتىملىق بىر تەرەپ قىلىش ھەركەتلىرىگە قاناشقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈمكى، زوراۋانلىق-تېرورلۇق دېلولىرى نۇرغۇن بىگۇناھ ئۆلۈم-يېتىم ۋە زور مىقداردىكى مال-مۈلۈكلەرنىڭ زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زور زىيان ئېلىپ كەلدى» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ رايوندىكى ھەركىتىنى «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» دەپ سۈپەتلىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ ھەركىتىنىڭ تېرورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە.