خىتاي باش ئەلچىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان

20-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان تەيۋەنلىك ۋە تىبەت ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

«خارۋارد كىرىمسون» (The Harvard Crimson) گېزىتىنىڭ مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنىدىكى بۇ كۈتۈلمىگەن ۋەقە خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئوسال ئەھۋالدا قويغان، شۇنداقلا يىغىن زالىدىكى ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا كۆتۈرۈلگەن.

مەزكۇر خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «يىغىن مەيدانىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭنى خىتاينىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا يانتاياق بولۇش، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسىنى يوقىتىش ۋە تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا بۇ جىنايەتلەردە ئۇنىڭ شېرىكلىكى بار دەپ ۋارقىرىغان».

«خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىقى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولغان كوسېتې ت ۋۇ (Cosette T. Wu) خىتاي باش ئەلچىسى شيې فېڭنىڭ سۆزىنى بۆلگەن بولۇپ، ئۇ «خارۋارد كىرىمسون» گېزىتىگە مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىپ نۇتۇق سۆزلىتىش ۋە ئۇنىڭ سەپسەتەلىرىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش، بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغا، شۇنداقلا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا زىت ھەرىكەتتۇر. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بۇنداق ئىشلارغا ھەرگىز سورۇن ھازىرلاپ بەرمەسلىكى كېرەك. بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر مۇستەبىت ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىغا ھەمكارلاشقان بىر كىشىگە ھەرگىزمۇ ئورۇن بەرمەيمىز».

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ قېتىملىق نارازىلىق نامايىشىنى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىقى تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تەخمىنەن 35 ئوقۇغۇچى قاتناشقان. بۇ نامايىشقا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا يەنە بوستوننىڭ يەرلىك ئاھالىلىرىمۇ قاتناشقان. نارازىلىق نامايىشى سەۋەبىدىن خىتاي باش ئەلچىسى شيې فېڭنىڭ نۇتۇقى 35 مىنۇت كېچىكتۈرۈلۈپ باشلانغان.