خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە چىقارغان مۇكاپاتلاش ۋە چەكلەش ئۇقتۇرۇشى خەلقئارادا ئىنكاس قوزغىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 2-ئىيۇل كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «تېررور گۇماندارلىرى» نى پاش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى، تېررور گۇماندارلىرىنى يوشۇرغۇچىلار؛ يېنىدا 15 سانتىمېتىردىن ئۇزۇن بولغان پىچاق، پارتلاش ئېھتىمالى بار بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ۋە دىنىي رادىكاللىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتقۇچىلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى خىتاي دائىرىلىرى چىقارغان ئۇقتۇرۇش ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ،«دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ رايوندىكى ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان» لىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 2-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان «بېيجىڭ ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا قوش بىسلىق سىياسەت يۈرگۈزدى دەپ ئەيىبلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، «خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى دەپ ئەيىبلەۋاتقانلار ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇلارنى رايوندا يۈز بەرگەن ئاتالمىش«تېررورلۇق ۋەقەلىرى» نى پەيدا قىلغۇچىلار دەپ قاراۋاتىدۇ» دېيىلدى.

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 2-ئىيۇل كۈنى مۇخبىرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1-ئىيۇل كۈنىدىكى باياناتى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا: «تېررورلۇق جۇڭگو ۋە شىنجياڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئەگەر بۇ مەسىلىدە كىمكى قوش بىسلىق سىياسەت يۈرگۈزۈلۈپ، تېررورچىلارغا كەڭچىلىك قىلسا، ئاخىرقى ھېسابتا باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ» دېگەن ئىدى.