ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەبىھ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى، ھايات قالغانلىرىنىڭ قىيىن-قىستاقتا ياشاۋاتقانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەلەر خەلقئاراغا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، ئىنسانلىق تۇيغۇسى ۋە ۋىجدانى ئۆلمىگەن ياشلارنىڭ، جۈملىدىن ئوت يۈرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قولىدىغان كېلىشىچە ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«Popsugar» تورىنىڭ 28-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، «ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش» ئۇيۇشمىسىنىڭ تەسنىم بېناللا (Tasnim Benalla) قاتارلىق ئاكتىپ ئەزالىرى داڭلىق ماركىلىق كىيىم شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن قول ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان. تەسنىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك ھازىر شىركەتلەر قوبۇل قىلالمايدىغان بىر ئىش بولماستىن، بەلكى نورمال ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك يۈزلىنىش ئىكەن. چۈنكى كىشىلەرگە ئۆگىتىلگەن ئىستېمال ئادىتى ئەرزان مال ئېلىش بولۇپ، ئۇ مالنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، قانداق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى مۇھىم بولمىغاچقا، شىركەتلەردىن تارتىپ ئىستېمالچىلارغىچە ھەممىسى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن كېلىدىغان پايدىغا قىزىقىدىكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئەڭ باشتا يېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغىچىلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قويۇۋەت» دېگەن خەت بېسىلغان كىيىمنى كىيىشىدىن باشلانغان بولۇپ، 2020-يىل تەسنىم قاتارلىق پائالىيەتچان ئوقۇغۇچىلار نيۇ-يورك مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە بىر مەيدان نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغان.