شى جىنپىڭنىڭ چېرىكلىكنى تازىلاش ھەرىكىتىدە خىتايدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى تېز كېڭەيمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.12.30

ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى (CNN) نىڭ 28-دېكابىردىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ 2012-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان باشلىغان چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە گۇماندارلارنى سوراق قىلىدىغان 200 دىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى يېڭى قۇرۇلغان ياكى قايتا كېڭەيتىپ ياسالغان. دوكلاتتا  شى جىنپىڭنىڭ باستۇرۇشى پارتىيە ئىچى بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقى ۋە باستۇرۇشنىڭ كەڭ ئاممىۋى ساھەگە كېڭەيگەنلىكى، شۇنداقلا مۇشۇ ئارقىلىق پارتىيە ۋە ئارمىيەگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكى تەكىتلەنگەن. CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ھوقۇق تۇتۇشىنى ئەبەدىيلەشتۈرگەن ھەم تۈزۈملەشتۈرگەن.

دوكلاتتا، CNN نىڭ 2018-يىلدىن بېرى خىتاي مىقياسىدا قۇرۇلغان 200 دىن ئارتۇق مۇشۇ خىلدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى بايقىغانلىقى، مەخسۇسلاشقان بۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ خىتاي دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ يەرلىك تارماق كومىتېتلىرى تەرىپىدىن گۇماندارلارنى سوراق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ خىل تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ئەڭ كۆپ قۇرۇلغان 2-رايون بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆتكەن يىلى باشلانغان ئىكەن.

CNN نىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن يەنى 30-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز خىل بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان تىپىك ئالتە دېلونى ئېلان قىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چارە كۆرۈلگەن بۇ تىپىك ئالتە دېلودىكى ئالتە شەخسنىڭ بىرى تۇرپان شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى، سابىق مۇئاۋىن پارتىيە سېكرېتارى ساتتار قۇربان ئىكەن. ساتتار قۇربان 2013-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان 10 يىلدا  72 مىڭ سوم (تەخمىنەن 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) ئارتۇق سوۋغا قوبۇل قىلىش، ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، شۇنداقلا دېلوسى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.