شەندۇڭدىكى خىمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە بىر ئادەم ئۆلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.09.01

خىتاينىڭ تيەنجىن پورتىدا ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن خىمىيىلىك ئەشيالار ئىسكىلاتىدىكى زور پارتلاش ۋەقەسى تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە، دۈشەنبە كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرىدىكى خىمىيە زاۋۇتىدا يەنە پارتلاش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، پارتلاشنىڭ 31-ئاۋغۇست دۈشەنبە تۈن نىسپىدە يۈز بەرگەنلىكىنى، پارتلاشتىن كېلىپ چىققان ئوتنىڭ 1-سېنتەبىر سەھەردە ئۆچۈرۈۋېلىنغانلىقىنى، پارتلاشتا بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاش شەندۇڭ ئۆلكىسىدە يېقىندا يۈز بەرگەن 2-قېتىملىق خىمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاش ۋەقەسى. ئالدىنقى قېتىملىق پارتلاش 22-ئاۋغۇست كېچىدە خېڭتەي ناھىيىسىدىكى خىمىيىۋى ئەشيا زاۋۇتتا يۈز بېرىپ، 1 ئادەم ئۆلگەن، 9 ئادەم يارىلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، شەندۇڭدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاش تىيەنجىن پورتىدا يۈز بەرگەن خىمىيىۋى ئەشيالار ئامبىرىدىكى پارتلاشتىن كېيىن بولغىنى ئۈچۈن، تاراتقۇلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتقان. خىتاي دائىرىلىرى 1 - سېنتەبىر بەرگەن مەلۇماتىدا تيەنجىندىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 159 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ۋە تيەنجىندىكى پارتلاشتا ئۆلگۈچىلەر سانى 1400 دىن ئارتۇق دەپ خەۋەر تارقاتقان 100 نەچچە كىشىنىڭ ئۆسەك سۆز تارقىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.