«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» 100 يىللىق تويىدا «قىزىل ئۇنىۋېرسىتېت» قا ئايلاندۇرۇلغان

بۇ يىل سېنتەبىردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ زور، تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان ئالىي مەكتەپ- «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ 100 مەكتەپ تارىخى خاتىرىلەنگەن. داغدۇغىلىق تۈستە ئېلىپ بېرىلغان خاتىرىلەش پائالىيىتى پۈتۈنلەي خىتايچە پۇراقتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەتتا سەھنىدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 100 يىلى» دېگەن خەتلەر پەقەتلا خىتايچە يېزىلىپ، ئۇيغۇرچىسى يېزىلمىغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ بىلىم يۇرتى ھېسابلانغان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» ئۆزىنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسىدە پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇلغان.

25-سېنتەبىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» تورىنىڭ بىرىنچى بېتىدە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىدە «قىزىل گېن تارقىتىدىغان مەنىۋى باغچە» بولغانلىقى؛ «چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇتەخەسسىسلەر بۆشۈكى» بولغانلىقى؛ شۇنداقلا «كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىش» تىكى تايانچ بازا بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلىرى توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ سۆز بولۇنمىغان. «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پارتكوم سېكرېتارى دەي بىن، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنى قىبلىنامە قىلىپ، چېگرا رايوندا «قىزىل گېن تېرىيدىغان» ئىسمى-جىسمىغا لايىق «قىزىل ئۇنىۋېرسىتېت» قا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىقىنى تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار ئۆتەپ كەلگەن. خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەمدە يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا دەسلەپ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇدىرى تاشپولات تىيىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇلغان ئەڭ ئاخىرىقى ئۇيغۇر مەكتەپ مۇدىرى ۋەلى باراتمۇ كېيىنچە تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىمۋول خاراكتېرىگە ئىگە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئۇيغۇرلار تولۇق سىقىپ چىقىرىلىپ، ھەم سېكرېتار ھەم مەكتەپ مۇدىرى خىتايلاردىن قويۇلىدىغان بولغان.