خىتاي يېزا - ئىگىلىك بانكىسى نيو - يوركتىكى بانكا باشقۇرغۇچىلارغا 250 مىليۇن دوللار جازا تۆلەمى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-11-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي يېزا - ئىگىلىك بانكىسى 4 - نويابىر كۈنى نيو - يوركتىكى بانكا باشقۇرغۇچىلارغا 250 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى جازا تۆلەمى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەلۇمكى، يېزا - ئىگىلىك بانكىسى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بانكىلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىندا نيو - يوركتىكى بانكا باشقۇرغۇچى ئورگان خىتاي يېزا ئىگىلىك بانكىسىنى پۇل يۇيۇشقا قارشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، دەپ سوتقا ئەرز قىلغان. بۇنىڭ بىلەن جۈمە كۈنى خىتاي يېزا - ئىگىلىك بانكىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 250 مىليۇن دوللارلىق جازا تۆلەمىنى تۆلەشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا مالىيە مۇلازىمىتىنىڭ نيو - يورك شۆبىسى يېقىندا خىتاي يېزا - ئىگىلىك بانكىسىنىڭ يوشۇرۇنچە پۇل يۇيۇش ئېلىپ بېرىپ ئامېرىكىنىڭ پۇل يۇيۇشنى چەكلەش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي يېزا - ئىگىلىك بانكىسى بۇ سەتچىلىكنىڭ خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، جازا تۆلەمىنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت