تونۇلۇۋاتقان ئادۋوكات لياڭ شياۋجۈن: ئادۋوكاتلىق يولۇمغا ئۇيغۇر دېلوسى سەۋەب بولدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.07.26

بىر تۈركۈم سەپداشلىرىنىڭ يەنى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، تونۇلۇۋاتقان ئادۋوكات لياڭ شياۋجۈن ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتلىق يولىنى تاللشىغا ئۇ دۇچ كەلگەن بىر ئۇيغۇر دېلوسى تۈرتكە بولغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، لياڭ شياۋجۈن 2008 ‏-يىلى بىر ئادۋوكات دوستىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، بىر ئۇيغۇر مەھكۇم بىلەن سۆزلەشكەن. ئۇ بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن تۇتۇلغان بۇ مەھكۇم بىلەن سۆزلىشىش داۋامىدا، ئۇنىڭ ئەسلى جازالىنىش سەۋەبىنىڭ خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئەسلىدە سادىق بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ پەرزەنتى بولغان ۋە بېيجىڭدا سىياسىي قانۇن ئوقۇغان لياڭ شياۋجۈن، ئۆزىگە قۇچاق ئېچىپ تۇرغان بىرمۇنچە ئەۋزەللىكلەردىن ۋاز كېچىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن.

لياڭ شياۋجۈن بۇ سەۋەبنى ئۆتكەن يىلى خىتايچە بۈيۈك ئىرا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ بايان قىلغان. ئۇ چاغدىكى بايانىدا مەزكۇر مەھكۇمنىڭ ئىسمىنىڭ ئالىمجان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.