Google ئېلخەت مۇلازىمىتى خىتايدا ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-01-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


Google ئېلخەت مۇلازىمىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندىن كېيىن، 2 - يانۋاردىن باشلاپ ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان.

Google دائىرىلىرى ABC خەۋەر ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، مەسىلىنىڭ ئۆزىدە ئەمەسلىكى، بۇ تەرەپتە ھېچقانداق تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

Google دائىرىلىرى ئېلخەت مۇلازىمىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما راۋانلىق دەرىجىسىنىڭ مۇلازىمەت توختاپ قېلىشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە يېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى «خەلق گېزىتى» بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا تېخنىكىلىق كاشىلىنىڭ «ئورۇنسىز گۇمانلار» غا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوبزوردا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قانداق شىركەتنىڭ خىتاي قانۇنىغا بويسۇنغان ئاساستا خىتايدا تىجارەت قىلىشىنى قارىشى ئالىدۇ. ھالبۇكى، گۇگۇل خىتاي قانۇنىدىكى چەكلىمىلەرگە ئاسان بويسۇنماسلىققا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

بۇ گۇگۇل ئىزدەش ماتورى ۋە ئېلخەت مۇلازىمىتىنىڭ خىتايدا تۇنجى قېتىم دەخلىگە ئۇچۇرۇشى ئەمەس.

گۇگۇل خىتاينىڭ ئىزدەش ماتورىغا قويغان چەكلىمىسى تۈپەيلى 2009 - يىلى خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرىنى تاقاپ، خوڭكوڭغا يۆتكەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

شۇندىن كېيىن گۇگۇلنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتى ئىزچىل راۋان بولماي كەلمەكتە.

خىتايدا گۇگۇل شىركىتىنىڭ YouTube قانىلى، FaceBook، Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي تارتقۇلارمۇ تاقالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت