خىتاي ئامېرىكىغا قارشى ئوق ئۆتمەس كىيىم سېتىۋالىدىغانلىقى ئېيتتى

خىتاي «تەيۋەننىڭ بۆلگۈنچىلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتى» گە قارشى 1. 4 مىليون كىشىلىك ئوق ئۆتمەس كىيىم سېتىۋالىدىغانلىقى ئېيتتى.

«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» 23-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ ئۇرۇش ھازىرلىقىنى ئاشۇرۇشقا، بەلكى تەيۋەننىڭ بۆلگۈنچىلىكى ۋە ئامېرىكانىڭ قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان ھەربىي توقۇنۇشلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان مەزگىلدە ئازادلىق ئارمىيەسى 1. 4 مىليون كىشىلىك ئەلا سۈپەتلىك ئوق ئۆتمەس كىيىم سېتىۋېلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى.»

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ئارمىيەسى بۇ كىيىملەر ئۈچۈن كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە 13 مىليارد يۈەن چىقىم قىلىشقا تەييارلىق قىلغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتچىسى ۋە ئانالىزچى سوڭ جوڭپىڭ، خىتاي ئارمىيەسى تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي ئۇرۇش دەرىجىسىدىكى مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، ئەسكەرلەر مۇداپىئە كىيىمىنى ئۇرۇش ۋاقتىدىكىدەك دائىم كىيىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەربىي ئىشلارغا قىزىققۇچىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلىرىدا، بۇ مۇداپىئە كىيىملىرى تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى ۋە ئامېرىكادىكى قوللىغۇچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئېھتىماللىقى ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىق، دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

ئۇلار يەنە، مۇداپىئە كىيىمىنىڭ ئىقتىدارى بىر قانچە يىلدا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقى، خىتاينىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ كىيىملەرنى تەييارلاشقا باشلىشىدىن تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ مۇشۇ بىر ئىككى يىلدا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېگىرى سۈرۈشكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئەسپېر ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنياغا تەھدىت ئىكەنلىكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيقۇسىنى ئىچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مارك ئەسپېر يەنە خىتاينىڭ ئۆز ئارمىيەسىنى 2035-يىلىغىچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تاماملاپ، 2049-يىلىغىچە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھەربىي كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ۋە قوشنا ئەللىرىگە تەھدىت بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.