خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقى ۋە تاشقى دۇنياغا ھەربىي كۈچىنىڭ ناھايىتى قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئۆزىنىڭ بىر قاتار ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق مەقسەتسىز رەۋىشتە بۇ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان.
«ئاسىيا سودا» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنىڭ ئاجىزلىقى ئىكەن. خەۋەردە خىتاينىڭ «بىر پەرزەنتلىك» سىياسىتى بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ھازىرقى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ 70 پىرسەنتى يالغۇز پەرزەنت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشتا ئۆلۈشنى خالىمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئامىللار ئۇنىڭ غەربىدىكى چۆللۈك رايونلىرىدا قىتئەلەر ئارا يادرولۇق يېڭى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرىنى قۇرۇشى، شۇنداقلا بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بىكار قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى جەنۇبىي دېڭىزدا سۈنئىي ئاراللارنى قۇرۇپ، رادار، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەرنى، ئىستىراتېگىيەلىك يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، خىتاينىڭ بۇ رايونلارنى قوغداپ قېلىشقا ئىشەنچىسىنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ئامىللار نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ غەربىدىكى چۆللۈك رايونلاردا ئالدىراپ-سالدىراپ يېڭى قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرىنى قۇرۇشقا باشلىشىنىڭ سەۋەبى، دەپ كۆرسەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىشىلىچە، خىتاي ئۆتكەن 25 يىل ئىچىدە ھەربىي چىقىمنى كۆپەيتىپ، ھەربىي پارات ۋە دېڭىز ئارمىيە مانىۋېرلىرىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تانكا ھەربىي كۈچنىڭ پەقەت بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىغا ئوخشاش كۆزگە كۆرۈنمەس يەنە بىر قىسمىمۇ بار ئىكەن.