خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ لوپنۇر كۆلىدىكى يېڭى بايقىشى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-11-10
Share


جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9 - نويابىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرى لوپنور كۆلى ۋادىسىدا يېڭى بايقاشنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە خىتاي پەن - تەتقىقات گۇرۇپپىسى لوپنۇر كۆلى ۋادىسىدا 20 كۈنلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئالتە خارابىنى بايقىغانلىقى ۋە ئەينى چاغدىكى كىرورەن قەدىمىي شەھىرىدە دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ بارلىقى ھەققىدە يېڭى ئىسپاتقا ئېرىشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى گەرچە بۇ قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈشنىڭ ئارخېئولوگىيە ۋە ھاۋا رايى مۇھىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە لوپنور كۆلى ۋادىسىنىڭ تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرىلا خىتاي رايونلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان.

دىققەت قوزغايدىغان تەرىپى شۇكى، دائىرىلەر بۇ قېتىم لوپنور كۆلى ۋادىسىدا بايقىغان 6 خارابىنىڭ كونكرېت ئۇچۇرىنى بەرمىگەن. پەقەتلا قەدىمكى كىرورەن شەھىرىنىڭ دەريا بولغانلىقى سەۋەبىدىن قۇرۇلغانلىقىنى «يېڭى بايقاش» دەپ كۆرسەتكەن.

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن 100 قانچە يىللار ئىلگىرى قەدىمكى كىرورەن شەھىرى لوپنورلۇق يول باشلىغۇچى ئۆردەكنىڭ بايقىشى، شىۋېتسىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيەچى سۋېن ھېدىننىڭ بېكىتىشى بىلەن دۇنيا ئىلىم ساھەسىگە ئاشكارا بولغان. 1930 - يىللاردا سۋېن ھېدىن لوپنور ۋادىسىغا قىلغان ئاخىرىقى تەكشۈرۈشىدە لوپنور كۆلىنىڭ قۇملۇقتىكى كۆچمە كۆل ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ يەردىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ دەريا - ئېقىنلىرىنى ئاساس قىلىپ بىنا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.