ئەنگىلىيە خىتاينىڭ چەت ئەلگە قاراتقان تەشۋىقات قانىلى CTGN نى چەكلىدى

ئەنگىلىيە خىتاينىڭ چەت ئەلگە قاراتقان تەشۋىقات قانىلى بولغان «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» (CTGN) نىڭ رۇخسەتنامىسىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئەنگىلىيەدىكى تارقىتىشىنى توختاتقان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ ئاخبارات نازارەت قىلىش ئاپاراتى-ئوفكوم (OFKOM) 4-يانۋار CTGN نىڭ تەرەپسىز ئاخباراتچىلىق پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىشى، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئەنگىلىيەدىكى تارقىتىش رۇخسىتىنى بىكار قىلغان.

CTGN خەۋەرلىرىنى ئەنگىلىيەدە سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق ھەقسىز تارقىتىپ كەلگەن. بۇ قانال خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى، لاگېرلارغا قامىغانلىقى، جىنسىي خورلاش ئېلىپ بارغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرغانلىقىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئىنكار قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنى تېرورلۇققا باغلاپ كەلگەن ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرىدە تەكىتلىشىچە، ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋە ئالاقە نازارەت ئاپپاراتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شىكايىتىگە ئاساسەن بۇ قانال ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ قانالنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى، ئۇنىڭ پروگراممىلىرىدا ئاخباراتچىلىقنىڭ ئادىل ۋە توغرىلىق پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى شىكايەت قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوفكوم 4-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەستايىل ئويلىشىش ئارقىلىق بارلىق دەلىللەرنى، مۇخبىر ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، CTGN نىڭ رۇخسەتنامىسىنى ئەتكەس قىلىشنى مۇۋاپىق كوردۇق،» دېيىلگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات قانىلى ئۈچۈن قاتتىق زەربە ئىكەن.