خىتاي ھۆكۈمىتى «3-قېتىملىق ‹بىر بەلباغ بىر يول› مۇھاكىمە مۇنبىرى» يىغىنى ئاچىدىكەن
2023.10.11
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 11-ئۆكتەبىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ كېلەر ھەپتە بېيجىڭدا «3-قېتىملىق ‹بىر بەلباغ بىر يول› مۇھاكىمە مۇنبىرى» يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە گىئو-سىياسىي تەسىرىنى داۋاملىق ساقلاپ قالماقچى بولغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 11-ئۆكتەبىر كۈنى ئاشكارىلىغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 17-، 18-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىنغا ئاز دېگەندە 130 دۆلەت ۋە 30 خەلقئارا تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن. شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەيدىكەن.
ئالدىنقى نۆۋەتلىك «‹بىر بەلباغ بىر يول› مۇھاكىمە مۇنبىرى» 2019-يىل ئېچىلغانىدى. خىتاي بۇ قېتىملىق «مۇھاكىمە مۇنبىرى» گە تەكلىپ قىلىدىغان مېھمانلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ بار ئىكەن. پۇتىن ئۆتكەن ئايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى پۇتىن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىن «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ بېكىتىلگەن بولغاچقا، چەت ئەللەرگە چىقىشى تەسلەشكەن ئىكەن.
2013-يىل شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى مۇھىم ئىقتىسادىي تۈگۈن قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپاغا، جەنۇبىي ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگىچە سوزۇلغان غايەت زور «مەبلەغ سېلىش» پىلانى بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئۇنى «خىتاينىڭ قەرز تۇزىقى» دەپ ئاتاپ كەلگەنىدى.