خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «چۆلنى بوستان قىلىپ، قۇملۇقتا شەھەر بەرپا قىلىش» قەدىمىنى تېزلەتمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.10.08

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقى ۋە ئېنېرگىيە زاپىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بىلەن بىرگە، قۇملۇقنى ئۆزگەرتىپ يېڭى شەھەرلەر بىنا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نوپۇس كۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.

«خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» نىڭ 8-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، بوز يەر ئېچىش، قۇملۇقنى ئۆزگەرتىش تەتقىقاتلىرىغا كۆپلەپ پۇل ئاجراتقان، شۇنىڭدەك شورلۇق ۋە ئىشقارلىق تۇپراقنى ياخشىلاش، قۇرغاقچىلىق ۋە شورغا چىداملىق تۇپراقنى بارلىققا كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نەتىجىدە ئالدى بىلەن ئاقسۇدىكى بىڭتۈەن 1-دىۋىزىيەگە قاراشلىق ئارال شەھىرىنى كۆكەرتىش ۋە كېڭەيتىش بازىسى قىلغان؛ بوستانلىق قۇملۇققا قاراپ 20 كىلومېتىردىن ئارتۇق كېڭەيگەن.

2013-يىل ئارال شەھىرىدە «قۇملۇققا كىرىش ئېغىزى» مەنزىرە رايونى قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ساياھەتچىلىرىگە بىڭتۈەننىڭ «چۆلنى بوستان قىلىش تارىخى» تونۇشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئارالنىڭ نەشپۈت باغچىسى، ئۆرۈك، چىلان باغلىرى، شاللىق، كېۋەزلىكلىرى كۆرسىتىلىپ، بۇ جاينىڭ ھەر يېرىنىڭ بايلىق ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئورمانچىلىق ئىدارىسى قارمىقىدىكى بىر ئورگان 2009-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تۇپراقنىڭ چۆللىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە، تۆتتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك تۇپراقنىڭ چۆللەشكەنلىكى، شېغىللاشقانلىقى ياكى قۇم ئاستىدا قالغانلىقىنى، بۇنىڭ «خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي ئېكولوگىيەلىك مەسىلە» ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇرغاقچىلىق، بوز يەر ئېچىشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش، سۇنىڭ بۇلغىنىشى، تۇپراقنىڭ شورلىشىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئېغىرلىشىپ بارغان.

 بۈگۈنكى كۈندە بولسا بىڭتۈەن «قۇملۇقنى تىزگىنلەپ، قاقاسلىقنى ئۆزگەرتىپ يېڭى ياشاش مۇھىتى بەرپا قىلىش» قا باشلىغان بولۇپ، يەر-زېمىننى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش خاراكتېرىدىكى ئېچىشتىن ھازىر «مۇقىم تەرەققىيات» خاراكتېرىدىكى ئېچىشقا ئۆتكەن. بۇنىڭدىن مەقسەتنىڭ يەرلىك خەلققە بەخت يارىتىش ئەمەس، بەلكى مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ھاياتلىق ماكانى ھازىرلاش ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.