خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى لى دۇڭشېڭ چارشەنبە كۈنى تيەنجىن شەھىرىدە سوتلاندى. ئۇ، پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان سابىق كومپارتىيە مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى جۇ يۇڭكاڭغا چېتىشلىق يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تيەنجىن شەھەرلىك تەپتىش دائىرىلىرى لى دۇڭشېڭنى ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، خىزمەت يۆتكەش، ئۆستۈرۈش ئىشلىرىدا پارىخورلۇق قىلىش، بۇ جەرياندا 22 مىليون يۈەن پارا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
لى دۇڭشېڭ ئىلگىرى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ فالۇنگوڭ ۋە شىنجاڭغا ئالاقىدار «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» نى باستۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان
ئۇ، مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان جۇ يۇڭكاڭغا يېقىن 3-ئەمەلدار. بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا، جۇ يۇڭكاڭنىڭ «جۇڭگو دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى»دە بىرگە ئىشلىگەن ئورۇنباسارى ۋاڭ يۈڭچۈن بىلەن مەزكۇر شىركەتنىڭ سابىق مۇدىرى جياڭ جيېمىن سوتلانغان. جياڭ جيېمىن 16 يىللىق، ۋاڭ يۈڭچۈن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى، نېفىت-ئېنىرگىيە ۋە ج خ سېپىدىكى بۇ 3 ئەمەلدارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئالاقىدار شەخسلەر ئىكەنلىكىدۇر.