ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قوشۇمچە گۇما ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى شېن يى يېقىندا «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلمەكتىكەن.
بۇ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان خوتەن ۋىلايىتىدە «پارىخورلۇق» ۋە «چىرىكلىك» بىلەن تۇتۇلغان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى ئىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ يىل 4-ئايدا خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن يۋەنخۇانىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
مۇھاجىرەتتىكى سىياسىي ئانالىزچىلار، ئۇيغۇر دىيارىدا مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «پارىخورلۇق» ۋە «چىرىكلىك» بىلەن جازالىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما مۇتلەق كۆپ يەرلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ بولسا «سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولماسلىق» ياكى «مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق» بىلەن جازالانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزگەن ئاتالمىش «ئاپتونومىيە قانۇنى» غا ئۆزى خىلاپلىق قىلىپ، ناھىيە، ۋىلايەت دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان ۋە خىتايلاشتۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ۋىلايەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 95% تىن كۆپرەك قىسمىنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ نۆۋەتتىكى 1 نەپەر باش ۋالىيسى بىلەن 11 نەپەر مۇئاۋىن ۋالىيسى ئىچىدە پەقەت 4 نەپىرىلا ئۇيغۇر بولۇپ، قالغان 8 نەپىرى خىتايلاردىن ئىكەن.
خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى ئومۇميۈزلۈك «پارىخورلۇق» ۋە «چىرىكلىك» ھادىسىسى بىلەن رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.