«يەرشارى ۋە پوچتىسى» گېزىتى: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ ئەخلاقى لاياقىتىدىن ئايرىلىپ قالدى»

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئ‍ادرىيان زېنزنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇشىنى ئازايتىش سىياسىتىگە ئائىت يېڭى دەلىللەر خەلقئارادا داۋاملىق تەسىر قوزغىماقتا. كانادادىكى «يەرشارى ۋە پوچتىسى» گېزىتى 10-ئىيۇن بۇ توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش مەسىلىسىدە ‍ئۆزىنىڭ ئەخلاقى لاياقىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى» بىلدۈرگەن.

مەزكۇر گېزىتنىڭ ئوبزورچىسى جون ئىببىتسوننىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە، ئ‍ادرىيان زېنزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنى كۆپ تۇغۇشقا، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇشىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئازايتىشقا كىرىشكەنلىكىنى دەلىللەر بىلەن ئ‍اشكارلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قاماش، ئىشچىلارنى مەجبۇرىي يۆتكەش، تۇغۇتنى مەجبۇرىي كونترل قىلىش، ئەر-ئاياللارنى ئايرىۋېتىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئ‍ۈزۈك سېلىش، بالا چۈشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولغانلىقى، دەلىللەرنىڭ ئېنىق ئ‍ىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئ‍ۆزىنىڭ بارلىق ئەخلاقى لاياقىتىدىن ئايرىلىپ قالدى» دېيىلگەن.